Professional Documents
Culture Documents
خىتايغا قارشى ئامېرىكا - رۇسىيە ئىتتىپاقى شەكىللىنىشىنىڭ ئىھتىماللىقى بارمۇ؟ PDF
خىتايغا قارشى ئامېرىكا - رۇسىيە ئىتتىپاقى شەكىللىنىشىنىڭ ئىھتىماللىقى بارمۇ؟ PDF
ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
كۆلتېكىن
ھازىر خىتاي قوپال بىر شەكىلدە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئامېرىكا ۋە غەربنى چۆچۈتۈۋەتتى .چۈنكى
غەرب خىتاينى ئۆز يېنىغا تارتىش ،ئۆزى قۇرغان لىبېرال سىستېمىغا ئەكىرىش ،مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا
ياردەملىرىنى بېرىش ئارقىلىق دېموكراتىك دۇنيانىڭ بىر پارچىسىغا ئايالندۇرۇپ فۇكۇياما ئوتتۇرىغا قويغان
« تارىخنىڭ ئاخىرى» نەزەرىيەسىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتالشنى ئويالۋاتقان ئىدى .ئۇالر خىتاينىڭ تۇزىنى
يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغان ئىدى .غەربلىك خىتاينى تەتقىق قىلغۇچىالر خىتاينى
ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ دەپ ئويالشقان ئىدى ،لېكىن
خىتاينىڭ روھىنىڭ خىتاينىڭ ئۆتمۈشىگە مىخلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدى .دۇنياغا «تەدرىجىي
تەرەققىيات» نەزەرىيەسى بىلەن قارايدىغانال غەرب لىبېراللىرى خىتاينىڭ يەنىال دىكتاتور ،گۇمانخور ۋە
قارا نىيەت ھالەتتە تۇرغىنىدىن ھەيران قېلىشقان ئىدى.
شۇنداق ،خىتاي بەلكىم غەربنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ مەيدانغا چىقتى .ئۇ سوۋېت
ئىتتىپاقىدىنمۇ كۈچلۈك رەقىب ،سەۋەبى راستتىنال سوۋېتتەك كۈچلۈك ئەمەس بەلكى مەۋجۇت خەلقئارا
سىستېما خىتاينىڭ رىقابەتچانلىقىنى سوۋېتكە قارىغاندا كۈچلۈك قىلىۋەتتى .ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا
چىقىشى بىلەن دۇنيا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى ۋە قارىماققا خىتاي يەنە بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈۋالغاندەك
كۆرۈنمەكتە .بۇ ئەھۋالدا تەبىئىي ھالدا غەرب ،جۈملىدىن ئامېرىكا خىتايغا قارشى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى
1
سىياسىتىنى يول قويىدۇ ئەلۋەتتە .بۇنداق بولغاندا تۇنجى بولۇپ كاللىمىزغا كېلىدىغان دۆلەت رۇسىيەدۇر.
رۇسىيە ھازىرقى دۇنيا سىستېمىسىدىكى بەلگىلىگۈچى كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت شۇنداقال خىتاينىڭ ئەڭ
مۇھىم ئىتتىپاقدىشى (دەپ قارالماقتا) .بۇنداق ھالەتتە ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتكە قارشى خىتاينى
يېنىغا تارتىپ ئونى بىتچىت قىلغاندەك ھازىر رۇسىيەنى يېنىغا تارتىپ خىتاينى غولىتىۋېتەلەمدۇ ؟ بۇنىڭ
مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ بۇ يازمىدا رۇسىيە -غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە سەۋەبى ،رۇسىيەنىڭ
سودا شېرىكلىرى ،رۇسىيە -خىتاي ئارىسىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتلەر شۇنداقال رۇسىيە ۋە غەربنىڭ
ھەمكارلىق ئېھتىياجلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.
باشتا رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نەزەر سالساق بىر بىرى بىلەن رىقابەت ۋە چەكلەش
ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز .غەربنىڭ نەزىردە رۇسىيە دىكتاتور ۋە ياۋايى ،رۇسىيەنىڭ نەزىرىدە بولسا
غەرب رۇسىيەنىڭ ئۇلىنى كوالۋاتقان بىر دۈشمەن كۈچ.
بۇ سەۋەبتىن ،دۇن يا مىقياسىدا «رەڭلىك ئىنقىالب» دولقۇنى قوزغالدى .بۇ دولقۇن ئەلۋەتتە غەربنىڭ
كونا رەقىبى بولغان رۇسىيەنىمۇ ئۇردى .سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيەنى غەرب الگېرىغا قوشماقچى
بولغان ئامېرىكا ھەقىقەتەن دىپلوماتلىرىنى رۇسىيەگە ئەۋەتكەن بولۇپ لېكىن بۇيرۇق تۈسىدىكى تەلەپ،
ۋە رۇسىيەگە بولغان مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسى رۇسالرنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى.
2
شۇنداق قىلىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرالشقاندىن كېيىنمۇ غەرب رۇسىيەگە رودىپايدەك
چاپلىشىۋالدى .ناتونى توختىماي شەرققە كېڭەيتىپ رۇسىيەنىڭ قوشنىلىرىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلدى .بالتىق
دېڭىزىدىكى بۇرۇنقى سوۋېت دۆلەتلىرىنى ۋە پولشانى ئۆزىگە قوشۇۋالدى .كېيىن ئۇكرائىناغا كەلگەندە
رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇكرائىنانى پارچىلىدى.
پۇتىن بولسا غەربكە ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش قىممەت قاراشلىرىغا قارشى جەڭ ئېالن قىلدى .رۇسىيەنىڭ
ئەتراپىدىكى رەڭلىك ئىنقىالبىنى پۇتىن غەربنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ،شۇنداقال بىۋاسىتە
تەھدىت دەپ شەرھلىدى .رەڭلىك ئىنقىالبىنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،رۇسىيە دائىرىلىرى
ئۆكتىچىلەرگە ۋە غەربنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسىگە سىياسىي ،مەمۇرىي ۋە ئەقلىي
ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈرگەن ئىستراتېگىيەلەرنى قولالندى .ئالدى بىلەن ،سېربىيە ،گىرۇزىيە ۋە
ئۇكرائىنادىكى رەڭلىك ئىنقىالبىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ھەر خىل ياشالر ھەرىكىتىگە قارشى
تۇردى - 2008 .يىلى بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ گىرۇزىيەگە بېسىپ كىردى .چۈنكى بۇ خىل لىبېرال
دېموكراتىيە ئىدىيەسى رۇسىيەنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق دەپ قارىالتتى .بۇنىڭدىن
سىرت ئامېرىكا يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىپ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىسىتانالردا ھەربىي بازا قۇردى.
بۇالر ھەقىقەتەن رۇسىيەنى چۈچۈتكەن ئىدى...
بۇالردىن غەربتە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن رۇسىيەنى بۈيۈك
تەھدىت دەپ قارايدىغانال ئىدىيەنىڭ ھازىرغىچە تەسىرىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .بۇ خىل
سىياسەت رۇسىيەنى تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ قوينىغا ئىتتىردى .مەسىلەن ،ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن ئۇزۇن
ئۆتمەي ،رۇسىيە ۋە خىتاي گازپروم ۋە جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ( )CNPCنى 30يىللىق 400
مىليارد دولالرلىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزاالشقا قىستىدى .ئەسلىدە باھا ئۈستىدە تاالش-تارتىش
سەۋەبىدىن بۇ كېلىشىم ئون يىلغا يېقىن سۆرىلىپ يۈرگەن ئىدى .ئۇالر يەنە سۇرىيە ۋە ۋېنېزۇئېالدىكى
ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى-2018 .يىلىدىن كېيىنمۇ ئىككى دۆلەت
ئوتتۇرىسىدىكى سودا 30 %تىن كۆپرەك ئاشتى مۆلچەرلىنىشىچە تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
ئىقتىسىاد دۆلەتلەر ئارا مۇناسىىۋەتنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم پارامېتىردۇر .بۇ خىل مۇناسىىۋەت ھەم
تەبىئىي شىىىەكىللىنىدۇ ( ياپونىيە ۋە ياۋروپا ،ھىنسىىىتان قاتارلىقالردەك) ،ھەم سىىىىياسىىىىي سىىىەۋەب بىلەن
تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ( مەسىلەن ھازىرقى خىتاي – رۇسىيە ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىدەك).
رۇسىىيەنىڭ ئېكسىپورتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاۋارلىرى خام نېفىت ( 96.6مىليارد دولالر) ،پىشىشىىقالپ
ئىشىىىىلەنگەن نېفىىت ( 58.4مىليىارد دولالر) ،نېفىىت گىازى ( 19.8مىليىارد دولالر) ،كۆمۈر برىكېتس (16.1
مىليارد دولالر) ۋە بۇغداي ( 7.93مىليارد دولالر).
3
ئۇنىىڭ ئىمپورت مىقىدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئورالمىلىق دورا ( 8.23مىليىارد دولالر) ،مىاشىىىىىنىا (7.69
مىليارد دولالر) ،ماشىىىنا زاپچاسىىلىرى ( 7.44مىليارد دولالر) ،رادىيو ئۈسىىكۈنىلىرى ( 7.04مىليارد دولالر)
ۋە ئايروپىالن ،تىك ئۇچار ئايروپىالن ( 6.33مىليارد دولالر).
-2018يىلى ،رۇسىىىىيە خىتايغا 35مىليارد 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىىىىدىغان خام نېفىت
ئېكسىىىىپورت قىلغان بولۇپ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن كۆپ بولغان .گولالندىيە ۋە گېرمانىيە ئايرىم-
ئايرىم ھالدا رۇسىيە خام نېفىتىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چوڭ ئېكسپورت مەنبەسىدۇر.
رۇسىىىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسىىپورت مەنزىلى خىتاي ( 39.1مىليارد دولالر)،ئۇنىڭدىن قالسىىا گولالندىيە
( 27.7مىليارد دولالر) ،گېرمانىيە ( 19.9مىليارد دولالر) ،بېالرۇسىىىىيە ( 18.5مىليارد دولالر) ۋە ئامېرىكا
( 15.4مىليارد دولالر) دىن ئىبارەت.
ئەڭ يۇقىرى ئىمپورت مەنبەسىىىى خىتاي ( 43.8مىليارد دولالر)،كېيىنكىلىرى بولسىىىا گېرمانىيە (27.2
مىليىارد دولالر) ،بېالرۇسىىىىىيە ( 12.5مىليىارد دولالر) ،ئىامېرىكىا ( 10.9مىليىارد دولالر) ۋە ئىتىالىيە (9.2
مىليارد دولالر).
يېقىنقى يىلالردىن بۇيان ،رۇسىىيە تاشىقى سىودىسىىنىڭ جۇغراپىيەلىك يۆنىلىشىى ياۋروپادىن ئاسىىيا تىن
ئوكيانغا يۆتكەلگەن بولۇپ ،بۇ رۇسىىيەنىڭ ھەر ئىككى رايون بىلەن بولغان سىودا سىودا مىقدارىدا ئەكس
ئەتكەن .ئەمما ،ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىىيەنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى داۋاملىق سىېتىۋالغان .رۇسىىيە تەبىئىي
گازنىڭ 40 %تىن كۆپرەكىنى ،ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28دۆلەتكە سىىاتىدۇ ۋە نېفىتىنىڭ 27 %نىمۇ ئۇالر
سېتىۋالىدۇ.
تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا -2019يىلى خىتاي رۇسىىيە ئومۇمىي سىودا سىوممىسىى 110مىليارد
بولغان بولۇپ رۇسىيە 2.66مىليارد دولالر ئاكتىپ باالنستا بولغان.
-2018يىلى رۇسىىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي سىودا سىوممىسىى 279مىليارد دولالر ،رۇسىىيە 91
مىليارد دولالر ئاكتىپ باالنىستا بولغان.
-2019يىلى رۇسىىىيە – ئامېرىكا ئومۇمىي سىىودا سىىوممىسىىى 26.1مىليارد دولالر ،رۇسىىىيە 100مىڭ
دولالر پاسسىپ باالنىستا بولغان.
يىغىنچاقلىغاندا غەرب – رۇسىىيە سىودا سىوممىسىى 305مىليارد دولالر ئەتراپىدا ،رۇسىىيەگە كىرىدىغان
نەخ پۇل 91مىليارد دولالر.
خىتاي بىلەن بولسىا سىودا سىوممىسىى 110مىليارد ،رۇسىىيەگە كىرىدىغان پايدا 2.66مىليارد دولالر.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان سودىسى خىتاينىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى.
4
.3خىتاي – رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى يوشۇرۇن كرىزىسالر
رۇسىىيە -خىتاي دوسىتلۇق مۇناسىىۋىتىنى تېخى يېقىندا پەيدا بولغان ۋە پۈتۈنلەي ۋاقىتلىق مەنپەئەت
ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇناسىىىىىۋەت دېسىىىىەك خاتاالشىىىىمايمىز .ئامېرىكىنىڭ بېسىىىىىمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش
ئۇالرنىڭ مۇناسىىۋىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسىابلىنىدۇ .بولمىسىا ئۇالرنىڭ ئارىسىىدا ھەقىقەتەن
بەزىدە توقۇنۇشىىىتىن قېچىش قىيىن بولغان يوشىىىۇرۇن مەسىىىىلىلەر بار .شىىىى جىنپىڭنىڭ -2019يىلىدا
دېگەن «ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ زېمىنلىرىغا ۋارىسىىىلىق قىلىمىز» دېگەن سىىىۆزى رۇسىىىىيەگىمۇ بېرىلگەن بىر
سىىىگنالدۇر .چىڭ سىىۇاللىسىىى كۈچەيگەن مەزگىللەردە ھازىرقى خىتاي -رۇسىىىيە چېگراسىىىدىن ئۆتۈپ
شىىمالدىكى نۇرغۇن جايالرنى بېسىىۋالغان .رۇسىىيەنىڭ شىەرقتىكى ئەڭ چوڭ پورتى بولغان ۋىالدىۋوسىتوك
چىىڭ سىىىىۇاللىسىىىىىغىا قىارايىدىغىانال بولۇپ ئىسىىىىمى خەيشىىىىىنۋى ئىىدى.بۇنىڭىدىن بىاشىىىىقىا خىتىاي تىارى
كىتىابلىرىىدىكى «ئېلىمىزنىىڭ ئەڭ كۆپ زېمىنى بېسىىىىىۋالغىان جىاھىانگىر دۆلەت چىاررۇسىىىىىيەدۇر» دېگەن
ئىبىارىلەر كىشىىىىىلەرگە يىات بولمىسىىىىا كېرەك .ھىازىرقى زامىان خىتىاي شىىىىوۋىنىزم ئىىدېئولوگىيەسىىىىىنىىڭ
كاتالىزاتورى بولغان « 100يىللىق ئار -نومۇس» شىىىوئارى رۇسىىىالر بوزەك قىلغان ئار -نومۇسىىىنىمۇ ئۆز
ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتىاي ئەمەلىدارلىرى بىر ئەسىىىىىرلىىك ھىاقىارەتنى تىلغىا ئىالغىانىدا ،نۇرغۇن كىشىىىىىلەر بۇنى غەربىي
ياۋروپادىكى كۈچلەر بىلەن باراۋەر بولمىغان كېلىشىىىىم ۋە مۇئامىلىلەرنىڭ نەتىجىسىىىى دەپ قارايدۇ .يەنە
كېلىپ ،بىر قىسىىم خىتايالر ئاسىىيادىكى رۇسىىيەنىڭ بىر قىسىىم جايلىرىنى قەدىمكى خىتاينىڭ بىر قىسىىمى
دەپ قارايدۇ.خىتىاي ھامان بىر كۈنى ،تېخىمۇ كۈچەيگەندە ،بۇ رايونالرغا ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر
قايسىىى ئارالالر ۋە سىىۇ يوللىرىنى مېنىڭ دەپ ئەسىىكەر ئورۇنالشىىتۇرۇۋالغاندەك ئىشىىىنى قىلىشىىنى چەتكە
قاققىلى بولمايدۇ.
ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ،ياۋروپا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ مەبلەغ سىىىېلىشىىىىنىڭ نەتىجىسىىىىگە ئىنتايىن
دىققەت قىلىپ كەلدى .گىرېتسىىىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەبلەغ سىىېلىشىىى نەتىجىسىىىدە ئۆزىنىڭ
پورتلىرىنى خىتايغا بېرىشىىىكە مەجبۇر بولدى .دەل ئوخشىىىاش ئىش رۇسىىىىيەنىڭ يىراق شىىىەرقىدىمۇ يۈز
بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەسىىلەن ،جۇڭگونىڭ كاپىتالى ھازىر رۇسىىيەنىڭ يىراق شىەرقتىكى ئىككىنچى مۇھىم رايون شىەھىرى
خاباروۋىسىكىغا سىالغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ 45 %نى ئىگىلىگەن .شىۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،رۇسىىيەنىڭ
يىراق شىەرق پايتەختى ۋىالدىۋوسىتوكمۇ جۇڭگونىڭ مەبلىغى بىلەن كۈنسىېرى ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ .ھەر كۈنى
نەچچە ئونمىڭلىغىان خىتىاي دەم ئىالغۇچىالر ۋە مەبلەغ سىىىىىالغۇچىالرنىىڭ كەلكۈن ئىاپىتىىدەك كېلىشىىىىى
رۇسىىىيە مىللەتچىلىرى ئارىسىىىدا ئەندىشىىە قوزغىماقتا .ئۇالر بۇنى جۇڭگونىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنىنى
ئەسىىلىگە كەلتۈرۈش ئىسىىتراتېگىيەلىك پىالنىنىڭ بىر قىسىىىمى بولۇشىىى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشىىىدۇ.
دەرۋەقە ،ۋىالدىۋوستوكنىڭ ئۆزى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ «خەيشېنۋي» دەپ ئاتالغان «بىر قىسىمى » ئىدى.
5
بۇنىڭدىن سىىىىرت ،رۇسىىىىيە شىىىىمالىي قۇتۇپ رايونىنى ئۆزىنىڭ ئالدى ھويلىسىىىى دەپ قارايدۇ.لېكىن
-2018يىلى ،خىتىىاي ئۆزىنى «شىىىىىمىىالىي قۇتۇپقىىا يېقىن دۆلەت» دەپ تونۇتتى ۋە شىىىىىمىىالىي قۇتۇپ
سىياسىتىنى رەسمىي ئېالن قىلىپ ،ئۆزىنىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
رۇسىىىىىيە خىتىىاينىىىڭ «قۇتۇپ يىپەك يولى» بەرپىىا قىلىش ئىىارقىلىق شىىىىىمىىالىي قۇتۇپ رايونىنى
ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدۇ.
شىىمالى مۇز ئوكيان بولسىا يەرشىارىنىڭ ئىللىشىىنىڭ رۇسىالرغا قىلغان سىوۋغىسىىدۇر .بۇنداق بولغاندا
رۇسىيەنىڭ نەچچە يۈز يىللىق دېڭىزغا چىقىش چۈشى ئەمەلگە ئاشىدۇ .لېكىن خىتاينىڭ بۇ يەرگىمۇ چاڭ
سىېلىشىى رۇسىىيە ئۈچۈن تولىمۇ ئەجەللىك زەربىدۇر .خىتاينىڭ ئاتالمىش بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىىنىڭ
شىىمالىدىكى لىنىيەسىى بىلەن ۋەتىنىمىزدىن چىققان لىنىيەسىىگە قارايدىغانال بولسىاق دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ
دۆلىتى رۇسىىىىيە بۇ ئىككى لىنىيەنىڭ قورشىىىاۋىدا قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .يەنى رۇسىىىىيە شىىىىمال ۋە
جەنۇبتىن خىتاينىڭ ئىسىىىكەنجىسىىىىگە كىرىدۇ دېگەن گەپ .بۇ خىتاينىڭ قورشىىىاۋ شىىىاھمات ئويۇنىدىكى
6
يېڭىشىىىىىنى بەلگىلەيدىغان ھالەتتۇر .بۇنىڭدىن باشىىىىقا شىىىىىمالى مۇز ئوكياندىكى تەبىئىي بايلىقالرغىمۇ
خىتاي تەپ تارتماستىن شېرىك بولماقچى.
خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشىىىەببۇسىىىىمۇ رۇسىىىىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىىىىدىكى سىىىوۋېت ئىتتىپاقى
دۆلەتلىرىگە ئىقتىسىىىىىادىي ۋە سىىىىىيىاسىىىىىي جەھەتتىن سىىىىىڭىىپ كىردى .خىتىاينىىڭ بۇ مەبلەغلەرنىىڭ
قوغدىلىشىىغا كاپالەتلىك قىلماي تۇرۇپ ،مىليارد دولالر مەبلەغنى بۇ يەرگە سىالمايدىغانلىقى ئېنىق.بۇنىڭ
نەتىجىسىىىىدە ،خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىىىىيادىكى تەسىىىىرى تېز ئاشىىىماقتا .ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا ،كۈچ
تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ خىتىاينىىڭ ئوتتۇرا ئىاسىىىىىيىادىكى پىايىدىسىىىىىغىا قىاراپ ئۆزگىرىىدىغىانلىقى ئېنىق .بۇ
رۇسىيە ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرلىرى مۇسىىتەھكەملەنگەنسىىىرى ،رۇسىىىيەنىڭ رۇسىىىيە باشىىقۇرىدىغان
ياۋرو -ئاسىىىيا ئىقتىسىىادىي بىرلەشىىمىسىىىدىكى مەنپەئەتى بىلەن ئاسىىانال توقۇنۇشىىۇپ قالىدۇ .بۇ ھالەت
شىاڭخەي ھەمكارلىق تەشىكىالتىنىڭ كەلگۈسىى يۆنىلىشىىنى بەلگىلەشىتە مەنپەئەت توقۇنۇشىىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن ،رۇسىيە بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپ تاللىشى يوق .رۇسىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا
خېلىال باغلىنىقلىق .گەرچە كۆلەم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ ھازىرچە ئەڭ ئىشەنچلىك سودا
شېرىكى خىتايدۇر.
ھەربىي كۈچ نۇقتسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ،ئاكتىپ خادىمالر ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر جەھەتتىن ئانچە
ئارقىدا بولمىسىمۇ رۇسىيەنىڭ ھەربىي خامچوتى خىتاينىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغىال توغرا كېلىدۇ .ئۇزۇن
قۇرۇقلۇق چېگراسىدا جۇڭگو بىلەن ھەربىي تىركىشىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .رۇسىيە يەنە جۇڭگونىڭ
ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئادەم ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەربىي كۈچىنى تېزلىكتە
كېڭەيتەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
رۇسىيەنىڭ خىتايغا بۇنچە يول قويۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى ،پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى
بىر قانچە يىلدىكى جىددىي ئىشى داۋاملىق پۈت دەسسەپ تۇرۇش يەنى ھايات قېلىش .بۇنىڭ ئەكسىچە
بىر پارتىيە دىكتاتورىلىقىدىكى خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئەندىشىسى يوق .شۇڭا خىتاي ئۇزۇن ئويۇن
ئويناۋاتىدۇ .پۇتىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ،بۇ جەھەتتە
خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۇنىڭغا پايدىلىق.
يەنە بىر ئامىل ،خىتاي رۇسىيەنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،ھەم رۇسىيەنىڭ كۈچىنىڭ
يىمىرىلىشىنى ،ھەم ئۆزىنىڭ كۈچىيىشىنى ساقالشقا سەۋرچانلىقى بار .سەۋر قىلىش ۋە پۇرسەت كۈتۈش
خىتاي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپىدۇر .ئەمما شەك-شۈبھىسىزكى ،رۇسىيە مەلۇم ۋاقىتتا
7
ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ ئەمما بۇ ۋاقىتتا بەك كىچىككەن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك .بۇ نۇقتىدىن
قارىغاندىمۇ رۇسىيە خىتايغا قارشى ئىشەنچلىك بىر ئىتتىپاقداشقا موھتاج.
خىتىىايغىىا قىىارشىىىىى ئىىامېرىكىىا -رۇسىىىىىيە ئىتتىپىىاقى تىىامىىامەن مۇمكىن .بۇ پۈتۈنلەي ئىىامېرىكىنىىىڭ
ئىسىتراتېگىيەسىىگە باغلىق .دۆلەتلەر ئارىسىىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىىسىى ئەڭ باشىتا قوشىنا دۆلەتتىن
كېلىدۇ .شىۇڭا خىتاينىڭ كەلگۈسىىدە رۇسىىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى شىەكسىىز .بۇنى رۇسىالرمۇ
ناھايىتى ياخشىىى بىلىدۇ ۋە خىتايالرمۇ رۇسىىالرنىڭ بىلىدىغىنىنى بىلىدۇ .پەقەت ھازىر ھېسىىابلىشىىىدىغان
ۋاقىت ئەمەس دەپ قارايدۇ .بولۇپمۇ رۇسىىىيە شىىۇنداق .ئارمانغا چۇشىىلۇق دەرمان يوق .ئەسىىلىدە رۇسىىىيە
ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىىپ خىتاينى چەكلەش تولىمۇ ئىدېئال پىالن .رۇسىىيەگە نىسىبەتەن كۈچلۈك
خىتاي كۈچلۈك ئامېرىكىدىن تېخىمۇ بەك خەتەرلىك .لېكىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىىيەگە تۇتقان پوزىتسىىيەسىى
رۇسىالرنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىىشىقا مەجبۇرلىماقتا .رۇسىىيە رايونلۇق كۈچ بولۇشىنى مەقسىەت قىلىدۇ
ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئارىالشىىىماسىىىلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ .لېكىن ھېچقانداق ئامېرىكا رەھبىرى بۇنىڭغا
يول قويۇپ باقمىدى.
دۆلەتلەر ئارىسىىىىدا مەڭگۈلۈك دوسىىىتلۇق بولمايدۇ ،مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بولىدۇ .دۆلەت مەنپەئەت
تەرەپكە قىاراپ ھەرىكەت قىلىىدۇ ،مىانىا بۇ دۆلەت ئەخالقىىدۇر .ئۇ ئىنسىىىىىانىي ئەخالق ۋە ئۇنىۋېرسىىىىىال
ئەخالقتىن پەرقلىنىدۇ .دۆلەت ئىنسىىانىي ئەخالق كودلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلغاننىڭ ھېسىى ابىنى بېرىپ
بواللمايدۇ( ماكىئاۋېللى & مورگېنتاۋ).
8
ئۇنىڭ ئۈسىىتىگە ۋۇخەن ۋاباسىىى ئامېرىكا -رۇسىىىيە دوسىىتلۇقى ئۈچۈن ياخشىىى باشىىلىنىش بوالاليدۇ.
ئەلۋەتتە رۇسىيەنى يېنىغا تارتىشنىڭ بەدىلى ئاز بولمايدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن:
ئەڭ باشىتا ئامېرىكا ۋە غەرب رۇسىىيەگە قاراتقان دېموكراتىيەلەشىتۈرۈش ۋەزىپىسىىدىن ۋاز كېچىشىى ،
ئىدېئولوگىيە ۋە سىىىياسىىىي تۈزۈم ئۇرۇشىىىنى توختىتىشىىى الزىم .بۇ سىىىياسىىەت ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى ئەڭ
كۆپ خورىتىش بىلەنال قىالمىاي ئىامېرىكىنىىڭ ئىنىاۋىتىنى بىارغىانسىىىىېرى بىاشىىىىقىا دۆلەتلەرنىىڭ نەزىرىىدىن
چۈشىۈرمەكتە .چۈنكى ئامېرىكا بۇ سىىياسىەتنى ھەممىگە تەڭ ئىشىلىتىشىنى داۋامالشىتۇرالمىدى .مەسىىلەن
خىتاي بىلەن سىىىىەئۇدىيغا دېموكراتىيە جېڭى ئېالن قىلماي رۇسىىىىىيە بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىىىىىۋېلىش ،
چىاۋشىىىىيەن بىلەن بېرمىغىا ئەسىىىىكەر كىرگۈزمەي ئىراق بىلەن ئىافغىانىسىىىىتىانىدا ئۇرۇش قىلىش قىاتىارلىقالر
دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ مەلۇم مەنىدىن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالغانلىقىنى
كۆرسىەتمەكتە .مانا بۇ ئامېرىكىغا قارشىى دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەگە قارشىى تۇرۇشىىنىڭ ۋە ئامېرىكىنى
ئەيىبلەشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماقتا.
بۇنىڭدىن سىرت
بۇالر قارىماققا ناھايىتى كۆپ «يۈك قويۇشتەك » كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسى غەربنىڭ
ئىختىيارىدا بولغان ،ئەڭ مۇھىمى رۇسىىيەنى چەكلەپ بېقىپمۇ نەتىجىسىىنى كۆرمىگەن ئىشىالردۇر .شىۇڭا
يەنە تىركىشىىپ تۇرغاننىڭ كۆپ پايدىسىى يوق .بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ ياخشىى بىلىدۇ ۋە بۇنداق قىلىش
ئاقىالنە تالالش بوالاليدۇ .مانا بۇ ئۇالرنىڭ ھەمكىارلىقىنىڭ مۇمكىنلىكىنىڭ بەلگىسىىىىىدۇر .يۇقىرىدا تىلغىا
ئېلىپ ئۆتۈلگەن خىتاي بىلەن رۇسىىىىيە ئوتتۇرىسىىىىدىكى ھازىرچە گەۋدىلەنمىگەن يوشىىىۇرۇن كىرىزىس،
بۇنىىڭ رۇسىىىىىيەگە بولغىان خەتىرى ،خىتىاينىىڭ ئۈزلۈكسىىىىىزلىىك كۈچىيىشىىىىى ئەكسىىىىىچە رۇسىىىىىيەنىىڭ
ئاجىزلىشىشى ئامېرىكا -رۇسىيە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرىدىغان مەنتىقلىق نۇقتىالردۇر.
9
پايدىالنغان مەنبەلەر
John Mearsheimer, The Great Delusion: Liberal Dreams and International Realities
https://oec.world/en/profile/country/rus/
https://www.statista.com/topics/5947/trade-in-russia/
https://thediplomat.com/2020/03/how-will-the-coronavirus-outbreak-affect-russia-china-
relations/
https://www.rand.org/blog/2018/08/a-us-russia-partnership-against-china-is-unlikely.html
https://www.brookings.edu/policy2020/votervital/why-are-us-russia-relations-so-
challenging/
https://www.theamericanconservative.com/articles/the-coming-american-russian-alliance-
against-china/
https://www.russia-briefing.com/news/russia-china-bilateral-trade-hit-us-110-billion-2019-
china-buying.html/
https://ec.europa.eu/eurostat/web/products-eurostat-news/-/DDN-20190805-
1?inheritRedirect=true
https://globaledge.msu.edu/countries/russia/tradestats
10